- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
برېمېر: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىدا روشەنكى رۇسىيە پايدىغا ئېرىشىدۇ
2016.07.07 14:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
خەلقئارالىق سىياسىيشۇناس، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاسىيا گۇرۇھىنىڭ لېدىرى برېمېر مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىدا روشەنكى رۇسىيە پايدىغا ئېرىشىدۇ. «كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى»گېزىتىنىڭ 6-ئىيۇلدىكى خەۋېرىگە قارىغاندا، برېمېر ئىلگىرى ياۋروپا مەسىلىسى 2016-يىلىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋىپلەرنىڭ بىرى دەپ پەرەز قىلغان. نەتىجە ئۇنىڭ پەرىزىدەك چىقتى. بۇ ھەقتە ئۇ زىيارەتتە مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ياكى ئايرىلماسلىقنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا قارىتا بۇندىن بۇرۇنقى مۆلچەردە قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار پەرقلەنمەي، غايەت زور خەيىم-خەتەر شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى، گرېتسىيە كىرزىسى، مۇساپىرلار مەسىلىسى قاتارلىقلار ئېغىرلىشىپ روشەن مۇقىمسىز ۋەزىيەتتە تۇرماقتا دەپ قارىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر