باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەرەكتى كەنتىدىكى 48 دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسى تۇرۇبا سۈيى ئېچەلەيدىغان بولدى

2016.07.08 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (نىلقا ناھىيەلىك رادىيو ئىستانسىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نەبىجان ئەخمەت خەۋىرى) نىلقا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، بۇ ناھىيەنىڭ ئۆزەن يېزىسى تەرەكتى كەنتىكى 48 دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئائىلىسىگە سۇ تۇرۇبىسى تارتىپ بىرىپ، بۇ ئائىلىلەرنى يازدا ئېرىق سۈيى، قىشتا قار سۈيى ئىچىشتىن قۇتۇلدۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، نىلقا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ كەنتنى ئۆزىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتى قىلغان بىر يىلدىن بۇيان، بۇ كەنتنىڭ سۇ، يول، ئېرىق-ئۆستەڭ قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياردەم قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر