باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاقىلىق ناھىيەسىدىكى قاراقات ۋاقتىدا يىغىۋېلىندى

2016.07.08 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چاقىلىق ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىىدىن ئايگۈل مەمتىمىن خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىى ئوتام يېزىسىدىكى ۋىي جىئىننىڭ ئېتىزىدىكى قاراقاتلىرى خۇددى قارا مەرۋايىتتەك پارقىراپ، كىشنىڭ كۆزىنى چاقنىتاتتى. ئېتىزدا 20 نەچچە ئەمگەكچى بەس – بەستە سېۋەتلىرىگە بىرىنچى قېتىملىق قاراقاتلارنى يېغۋاتاتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك باغ–ئورمان بەرپا قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇپ چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن ئەلا سۈپەتلىك قاراقات تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ ئېتىزلارغا تىكىپ، شورلۇق يەرلەرنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە يەنە كىرىم قىلىشنىڭ يوللىرىنى كېڭەيتتى. نۆۋەتتە چاقىلىق ناھىيەسىدىكى 2200 مو يەرگە تىكىلگەن قاراقات مول مېۋىلەپ، پىشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، ئوتام يېزىسىىدىكى ۋىي جىئىن بۇلتۇر 100 نەچچە مو يېرىگە قاراقاتنى تۇنجى سىناق قىلىپ تېرىغان بولۇپ، پەقەت قاراقاتتىن كىرگەن ساپ كىرىمىلا 60 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن قاراقات ئارقىلىق بېيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئۇ بۇ يىلمۇ قاراقاتتىن 40 توننا يېڭى مىۋە يېغىۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن يەنە بىر ھەسسە قاتلىغان.

  ۋىي جىئىن ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دىدى: پىلانىمدا نەچچىمىز ھەمكارلىشىپ بىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ چىقاي دەۋاتىمەن، بۇنداق بولغاندا قارقاتنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە سېتىش يوللىرىنى كىڭەيتكىلى بولىدىكەن. كېلەر يىلى يەنە 600 مو ئەتراپىدا قاراقات تېرىشنى ئويلاۋاتمەن، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، قاراقات چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ئېگىز رايونلىرىدا ئۆسۈشكە بىر قەدەر ماسلاشقان بولۇپ، يۇقىرى بولغان داۋالاش قىممىتىگە ۋە ساغلاملىق ئۈنۈمىگە ئىگە مەھسۇلات. بۇ چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ھاۋا ۋە تۇپراق شارائىتىغا ناھايىتى ماسلاشقان بولۇپ سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا، شورلۇق تۇپراققا ماسلىشش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى، ئۇ تۇپراقنى ۋە قاقاس يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، يەنە تۇپراقنىڭ چۆللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياخشى ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر