باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە تۆۋەن كىرىملىك نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلاندى

2016.07.08 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (باي ناھىيەسى سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن قۇربان سايىم) 1-ئىيۇل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، ئوسمان ئوبۇلغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ئالاھىدە كۈن بولدى، يەنى بۇ كۈندە ئۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى .

  شۇ كۈنى مەن ئوسمان ئوبۇلنىڭ يېڭى ئۆيىگە كەلگىنىمدە، تازىلىق ئۆيىگە فار-فور خىش چاپلانغانلىقىنى، تازىلىق ئۆيىنىڭ مۇنچا قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇق، ئاشخانا ئوچاق بېشىنىڭ ئىنتايىن پاكىز، رەتلىك ئىكەنلىكىنى، ياتاق ئۆيىنىڭ پاكىز، ئازادە ئىكەنلىكىنى، مېھمانخانىسى ئازادە، يورۇق بولۇپ، بۇ ئۆي بۇرۇن ئولتۇرغان كونا ئۆيگە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدىغانلىقىنى كۆردۈم.

  ئوسمان ئوبۇل باي ناھىيەسى مىچىغ يېزىسى ئاراچىغ كەنتىدىكى نامرات دېھقان بولۇپ، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە ئىدى، ئۇنىڭ يېڭى ئۆي سېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن، بۇ بىر ئائىلىدىكى تۆت جان ئادەم ئىزچىل 50 كىۋادراتمېتىرلىق كونا ئۆيدە ئولتۇرۇپ كەلگەنىدى. بۇ يىل يىل بېشىدا مىچىغ يېزىسى يېزىلاردىكى نامرات ئائىلىلەر ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئوسمان ئوبۇل ئائىلىسىدىكىلەر بۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى 50 كىۋادراتمېتىرلىق كونا ئۆيى ئۆزگەرتىلىپ، 80 كىۋادراتمېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تۇرالغۇ ئۆي ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلگەنىدى.

  ئوسمان ئوبۇلغا ئوخشاش تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مىچىغ يېزىسى دېھقانلارنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىش تولۇقلىما ياردەم سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمان قىلىپ مەركەز، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭغا ياردەم بىرىش قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ 30 مىڭ 500 يۈەن ياردەم مەبلىغى بىلەن ھەر بىر نامرات ئائىلىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆلچىمى بويىچە 80 كىۋادراتمېتىرلىق يېڭى ئۆي سېلىپ بەردى ھەم نامرات ئائىلىلەر ئىچىدە ئەمگەك ئىقتىدارى بار دېھقانلارنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىشلەشكە تەشكىللەپ، ھەر كۈنى 100 يۈەن ئىش ھەققى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  مىچىغ يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئېزىز ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «يېزىمىز بويىچە 116 نامرات ئائىلە بولۇپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، 84 ئائىلىنى بۇ يىللىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ياردەم سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئازادە، يورۇق، يېڭى ئۆيگە ئىگە قىلدۇق».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر