باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 10-قېتىملىق تەكشۈرۈش گورۇپپىسى جايلارغا ئورۇنلىشىپ بولدى

2016.07.08 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇل، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە دېيىلىشىچە، 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 10-قېتىملىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تەكشۈرۈشنى باشلىغان. (مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى، قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى، خام چوت خىزمىتى كومىتېتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتى، بەنگۇڭتىڭ تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار) ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ( مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، بەنگۇڭتىڭ تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار)، مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى، مەركىزىي ئاپپارات-ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى، مەركىزىي بىدئەتچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى، جۇڭگو خەلق چەت ئەللەر بىلەن دوستلۇق ‐ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلق دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا مەخسۇس كۆزىتىش خىزمەت ئەھۋالىنى قانات يايدۇرىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدىغان 32 ئورۇندىكى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە تۆت ئۆلكە، شەھەردىكى ئورنىغا بېرىپ بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر