باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قەدىمىنى ئۈچىنچى قېتىم ئاستىلاتتى

2016.07.08 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زوڭتوڭى باراك ئوباما 6-ئىيۇل، كېلەر يىلى بىرىنچى ئايدا ئۆزىنىڭ زوڭتوڭلۇق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئافغانىستاندا ئەسلىي پىلان بويىچە 5000 ئەسكەر ئەمەس، بەلكى تەخمىنەن 8400 ئەسكەر قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، بۇلتۇردىن بۇيان ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قەدىمىنى ئاستىلىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن ھازىرغىچە 14 يىلدىن كۆپرك ۋاقىت ئۆتتى، ئامېرىكا زوڭتوڭى ئالماشتى، ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىمۇ تەدرىجىي يۆتكەلدى، بىراق ئافغانىستان ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ھەم خەتەرلىك بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانى ئامالسىز قايتا-قايتا كەينىگە سۈرۈلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇدلۇقى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاسانلىقچە تاشلىۋېتەلمەيدىغان تارىخىي يۈكى بولۇپ قالدى.

  رېيتىر ئاگېنتلىقى 6-ئىيۇل ب د ت نىڭ يېقىندىكى ئافغانىستان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تالىبان يېقىنقى يىللاردىن بېرى قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىش ھالىتىدە تۇرماقتا، ئافغانىستاندىكى كونترول قىلىنغان دائىرە 2001-يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» كۈچلىرىمۇ ئافغانىستانغا سىڭىپ كىردى ھەمدە زورايدى، دېدى.

  بۇ ئۆزگىرىشلەر سەۋەبلىك، ئوباما بۇلتۇر 3-ئاي ۋە 10-ئايدا ئىككى قېتىم ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى كېچىكتۈردى. ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈش ئىزچىل ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پىلانى بويىچە بولغاندا، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسلىدە 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 5500 كىشىگە ئازايتىلىشى، 2017-يىلى ئۇ ۋەزىپىسىدىن قالىدىغان چاغدا 1000 كىشىگە ئازايتىلىشى كېرەك ئىدى.

  ئوباما 6-ئىيۇل يەنە بىر قېتىم ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، تالىبان ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ قارار پەقەت بۇ بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر