باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون بىلەن كۆرۈشتى

2016.07.08 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇل دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ باش كاتىپ بانكىموننىڭ 10-قېتىم ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم بانكىموننىڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان 10 يىلدىن بۇيان، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ب د ت نىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشقانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگونىڭ ب د ت بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلىتى ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئىزچىل ب د ت نىڭ مۇستەھكەم قوللىغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى ۋە ئىشتىراكچىسى بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر