باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جىڭشىڭ تەكشۈرۈش كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2016.07.08 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا تەكشۈرۈش كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابى كومىتېتى، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش تېمسىىنى چۆرىدىگەن ھالدا، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا چارە-تەدبىر كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلدى. سۆھبەت يىغىنىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش قىزغىن، كەيپىيات جۇشقۇن بولدى، يۈ جىڭشىڭ بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كۆپچىلىك بىلەن مۇھاكىمە قىلدى. يۈ جىڭشىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى-بىرلىكسەپ مۇلازىمىتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كېڭىششتىكى سىياسىي ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، تەپەككۇرىنى ئېچىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىكى زور مەسىلىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ پىكىر تەكلىپ بېرىش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنى پائال قوللاپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش سۇپىسى تۇرغۇزۇپ، ئەھۋاللارنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ، مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياخشى ئالماشتۇرۇش يولى بەرپا قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر