باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق پايتەختى باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانى 292گە كۆپەيدى

2016.07.08 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى 7-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، 3-ئىيۇل پايتەخت باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى كارادا رايونىدىكى ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ 292گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  ئىراق سەھىيە مىنىستىرى ئادىلە ھامۇد ھۆكۈمەتنىڭ قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە 115 جەسەتنى تاپشۇرغانلىقىنى، يەنە باشقا 177 جەسەتنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا قارىتا DNA تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى 3-ئىيۇل سەھەردە كارادا رايونىدا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىتىپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر سودا ساراينى ۋە نۇرغۇن دۇكانلارنى ۋەيران قىلدى. كارادا رايونى باغداتنىڭ سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ چاغدا نۇرغۇن كىشى يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى روزا ھېيتقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، بۇ يەردە مال سېتىۋېلىۋاتقان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر