باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبلىك چاۋشيەنگە قارىتا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2016.07.08 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 6-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، بىر تۈركۈم «ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق» چاۋشيەن ئەمەلدارلىرى ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرگە قارىتا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېنمۇ بار.

  باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئامېرىكا چېگراسى ئىچىدىكى مۈلكىنى توڭلىتىدىغانلىقى ھەم ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بۇلار بىلەن سودا ئالاقسىدە بولۇشىنى چەكلەيدىغانلىقى ئېيتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جازاغا ئۇچرىغانلاردىن يەنە چاۋشيەن خەلق ئامانلىقىنى قوغداش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۇي فۇرى ۋە بۇ مىنىستىرلىقنىڭ باشقا ئىككى ئەمەلدارى بار ئىكەن.

  چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىيە كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى، «چاۋشيەننى جازالاش چاۋشيەننى ۋەيران قىلىۋېتەلمەيدۇ، ئەكسىچە چاۋشيەننى تېخىمۇ مۇستەقىل، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان قىلىدۇ»، دېدى. بۇنىڭدىن باشقا، چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى ئايدا خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ پۇل يۇيۇشقا، تېررورىزمنى مەبلەغ بىلەن قوللاشقا قارشى تۇرۇش دۆلەتلىك ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى «پۇل يۇيۇشتىكى ئاساسلىق دىققەت ئوبيېكتى» قاتارىغا تىزىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ چاۋشيەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ياشاش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلىش قىلمىشى، دەپ ئاتىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر