باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ خەلق سارىيىدا كامبودژا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى سەي چوڭ بىلەن كۆرۈشتى

2016.07.08 13:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 6-ئىيۇل خەلق سارىيىدا كامبودژا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى سەي چوڭ بىلەن كۆرۈشتى. جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كامبودژا پارلامېنتى، كېڭەش پالاتاسى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ، مەمۇرىي ئىشلارنى يولغا قويۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كامبودژا مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

  سەي چوڭ مۇنداق دېدى: كامبودژا جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ. جۇڭگونىڭ دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگونىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر