باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى

2016.07.08 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-،6-ئىيۇل ئەنخۇينىڭ فۇياڭ، خېنەننىڭ يۆياڭ، خۇبېينىڭ ۋۇخەنگە بېرىپ، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ ئەنخۇينىڭ فۇياڭدىكى ۋاڭجيا توغىنىغا كېلىپ كەلكۈن ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئاممىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. لى كېچياڭ يۆياڭ شەھىرىنىڭ چېڭجۇڭ، بەيشىلىڭ كەنتلىرىدە ئۆيلەرنىڭ سۇ بېسىپ كېتىش ئەھۋالىنى ئىنچىكە تەكشۈردى. ئۇ نۇرغۇن شەھەرلەردە كۆرۈلگەن ھۆلچىلىك ئاپىتى شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى تارىختىن بۇيان قېلىپ قالغان مەسىلىلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى، دېدى. ئۇ چوقۇم ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق، ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شەھەرلەردىكى يوچۇقلارنى تۈگىتىش، يەر ئۈستى، يەر ئاستىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شەھەرلەردىكى ھۆلچىلىك ئاپىتى بىر چوڭ مەسىلە، بۇ جەنۇبتىكى شەھەرلەردىلا ئەمەس، شىمالدىكى شەھەرلەردىمۇ مەۋجۇت، ئاساسلىقى بىز يەر ئۈستىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يەر ئاستىغا سەل قارىدۇق، بۇ بىر يېتەرسىزلىك، بۇنى تولۇقلاش كېرەك. لې كېچياڭ يۆياڭدىكى چاڭجياڭ دەرياسى توغىنى ۋە دۇڭ تىڭخۇ توغىنىغا بېرىپ سۇ چىنىنى كۆردى. ئۇ تەكشۈرۈش خادىملىرىغا مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك، بىزنىڭ بۇ قېتىم بۇ يەرگە كېلىشىمىز توغانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ھازىر كەلكۈن بالدۇر كەلدى، سۇ يەنە كۆپىيىدۇ، دەريا ئېقىنلار سۇ بىلەن لىق تولۇپ كېتىدۇ، شۇ چاغدا سىلەر بىخۇدلۇق قىلساڭلار بولمايدۇ.

  ئۇددا قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقتىن، ۋۇخەندىكى چاڭجياڭ دەرياسى توغىنىنىڭ بىر يېرىدىن سۇ چىقىپ كەتكەن ئىدى، لى كېچياڭ سۇ كېچىپ، رەڭلىك يامغۇرلۇق چاپان كىيىپ، قولىدا كۈنلۈك تۇتۇپ، نەق مەيداندىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى، يېڭى خېيىم-خەتەر نۇقتىلىرىنىڭ بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈردى. ئۇ خەتەردىن قۇتقۇزۇۋاتقان ئوفېتسىېر ئەسكەرلەردىن بۇ يەردىكى تۆشۈكنى ئېتىپلا قالماستىن، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ۋە چاڭجياڭ دەرياسى توغانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر چاڭجياڭ دەرياسىدىكى ئەڭ چوڭ تۆشۈك سىلەرنىڭ بۇ يەردە كۆرۈلدى، بىز باشقا جايلاردا مۇشۇنداق تۆشۈكلەرنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. گەرچە چاڭجياڭ دەرياسى بۇرۇنقىدىن خېلىلا مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يوچۇقلاردىن ساقلانماق تەس. سىلەر بۇ يوچۇقلارنى ئېتىپ، تەجرىبىگە ئىگە بولدۇڭلار، بىز باشقا جايلاردىمۇ بۇنى ياخشى يولغا قويساق بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە، توغانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ ئىككى ئىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، سىلەر شۇنداق قىلالامسىلەر؟ ئوفىتسېر ئەسكەرلەر مۇنداق دېدى: شۇنداق قىلالايمىز، زۇڭلىنى چوقۇم خاتىرجەم قىلىمىز! بۇ چاغدا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. چاڭجياڭ دەرياسى لۇڭۋاڭ بۇرخانىسى بۆلىكىدە سۇ چىنى ۋۇخەننىڭ شەھەر ئىچىدىكى يوللاردىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. لى كېچياڭ توغاننى مۇستەھكەملەش، ماددىي ئەشيا تەييارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 98-يىلىدىن بۇيانقى قاتتىق كەلكۈن كەلدى، ھازىر ماددىي ئەشيا شارائىتىمىز 98-يىلىدىكىدىن خېلىلا ياخشى. سىلەر شۇنچە كۆپ ماشىنا چىقىرىپسىلەر، ئەينى چاغدا بۇلار يوق ئىدى. شۇڭا بىزنىڭ ماددىي كۈچىمىز بار، تېخىمۇ مۇھىمى سىلەرنىڭ روھى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىڭلار بار، بىزنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىپ، زىياننى ئەڭ كىچىك دەرىجىگە چۈشۈرۈڭلار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر