باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي سۇداننىڭ ھەربىي تەرەپ ئىچكى قىسمىدىكى مەزھەپلەر توقۇنۇشىدا ئاز دېگەندە 271 كىشى قازا قىلدى

2016.07.11 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەنۇبىي سۇدان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 10-ئىيۇلدىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، جەنۇبىي سۇدان پايتەختى جۇبادا 8-ئىيۇل يۈز بەرگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەزھەپلەر توقۇنۇشىدا ئاز دېگەندە 271 كىشى قازا قىلغان.

  سۇدان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر پارچە باياناتىدا، 32 پۇقرا، بەش ساقچى، 44 ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەسكىرى ۋە جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇئاۋىن زوڭتوڭى ماشار قوراللىق مەزھىپىنىڭ 190 ئەسكىرى 8-ئىيۇلدىكى توقۇنۇشتا ئۆلدى، يەنە ئەسكەرلەر ۋە پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 66 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، دېيىلدى.

  باياناتتا، بۇ سانلار دەسلەپكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسى بولۇپ، ئۆلگەنلەر سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر