خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇل، لى كېچياڭ ئىككى ئۆلكىگە بېرىپ چاڭجياڭ، خۇەيخې ۋادىلىرىدىكى تاشقىندىن مۇداپىيە كۆرۈش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۆياڭ شەھىرىدە كېچىلەپ قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ تاشقىندىن مۇداپىيە كۆرۈش خىزمىتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق تاشقىندىن مۇداپىيە كۆرۈپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. 6-ئىيۇل سەھەردە، ئۇ قاتتىق يامغۇرغا قارىماي، ۋۇخەندىكى چاڭجياڭ دەرياسى غول توسمىسىدىكى خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلگەن يەر بۆلىكىگە باردى. 7-ئىيۇلدىكى دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، قوماندانلىققا بويسۇنۇپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
زوڭلى قاتتىق تەلەپپۇزدا: «خىزمەتنى جايىدا ئىشلىيەلمەي زور تالاپەت پەيدا قىلغانلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ توغاننى مۇستەھكەملەش قاتارلىق زور قۇرۇلۇشلارغا قارىتا، ئۆمۈرلۈك مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ، ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى