باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن-جىشيەن تېز تاشيولىدىكى 26 كىشى قازا قىلغان زور قاتناش ۋەقەسىگە چېتىشلىق كىشىلەرگە قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش چارىسى قوللىنىلدى

2016.07.11 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئىيۇل، تيەنجىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 26 كىشى قازا قىلىش، تۆت كىشى يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تيەنجىن-جىشيەن تېز تاشيولىدىكى قاتناش ۋەقەسگە چېتىشلىق بەش كىشىگە قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش چارىسى قوللىنىلدى.

  تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بەش جىنايەت گۇماندارى 2011-يىلى بىللە مەبلەغ چىقىرىپ بىر ماشىنا سېتىۋېلىپ، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى بىلەن لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى لىنىيەسىدە يولۇچى توشۇپ قاتنىغان. تېخىمۇ زور مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار بەلگىلەنگەن يۈرۈش لىنىيەسىنى ئۆزى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، لىنىيەدىن چەتنەپ يول يۈرگەن؛ GPS سىستېمىسىنى ئۆزى خالىغانچە كونترول قىلىپ، نازارەتتىن قاچقان؛ ئوبوروت شىركىتىدىن مال كىرگۈزۈپ، مال ۋە يولۇچىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلىغان. 1-ئىيۇل سائەت 13تە، ۋەقە چىققان ماشىنا شىڭتەي يولۇچىلار بېكىتىدىن يولۇچى ۋە مال قاچىلاپ يولغا چىقىپ، تيەنجىن-جىشيەن تېز تاشيولىنىڭ شياۋگاۋجۇاڭ بۆلىكىگە كەلگەندە، تاق تەرەپلىك قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. نۆۋەتتە دىلو ھېلىھەم تەكشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر