باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توققۇز تارماق داۋالاشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاتتىق زەربە بەردى

ئىدارە قىلىش ئەسۋابلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ

2016.07.11 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق توققۇز تارماق يېقىندا، 2016-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە بىر يىللىق داۋالاشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، مەركەز جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىشىپ داۋالاشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، توققۇز تارماق بىرلىشىپ تارقاتقان «داۋالاشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: داۋالاشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن داۋالاش ماجىراسىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش، ھەر قانداق سەۋەبنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، داۋالاش خادىملىرىغا ھاقارەت قىلىش، داۋالاش تەرتىپىنى بۇزۇش ھەتتا زوراۋانلىق قىلىپ دوختۇرنى زەخمىلەندۈرۈشنىڭ باھانىسىگە ئايلىنىپ قېلىشىغا بولمايدۇ.

  ھەرىكەت لايىھەسىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: داۋالاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىش، داۋالاش تەرتىپىنى بۇزۇش قاتارلىق داۋالاشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، باشتىن-ئاخىر يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، جىنايەت ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ زەربە بېرىش سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىشى كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىغانلىقىغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، بولۇپمۇ داۋالاش خادىملىرىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان قىلمىشقا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ قەتئىي توسۇش، زۆرۈر بولسا قانۇن بويىچە قورال، ساقچى سايمانلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك؛ ئىدارە قىلىش ئەسۋابلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئېلىپ كىرگەنلەر، بايقالغان ھامان قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلىدۇ؛ داۋالاش خادىملىرىنى ئۇرغانلار، داۋالاش تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، كېچىكتۈرۈشكە، تۆۋەنلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر