خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئىيۇل، «ئات ۋە ئۆرپ-ئادەت» باش تېما قىلىنغان 2016-يىللىق شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە داغدۇغىلىق باشلاندى.
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، داڭلىق تۇلپار ماكانى، 2003-يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى تۇلپار ماكانى» دېگەن نام بېرىلگەن. 2009-يىلىدىن باشلاپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى « تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى»نى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئات ئويۇنى تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2013-يىلىدىن باشلاپ، «تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى» ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، جۇڭگو ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى (موڭغۇلكۈرە بېكىتى )، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ مۇڭغۇلكۈرە تاشيول ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى، ھۆسىنخەت - سۈرەت كۆرگەزمىسى، خەلقئارالىق ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش، خەلقئارالىق قازاقلار چېلىشىشى قاتارلىق 20 تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى