باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ قاراملىقى ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ

2016.07.11 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئامېرىكا بىلەن كورىيە جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئېنىق قارشى تۇرۇشىغا قارىماستىن، كورىيەدە «سائاد» باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما، يەنى «ئۇرۇش رايونى يۇقىرى بوشلۇق مۇداپىئە سىستېمىسى»نى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇچۇر تارقىتىپ، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى جۇڭگونىڭ خۇاڭيەن ئارىلى ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرىغا يېقىنلاشتى، رېگان ناملىق ئاۋىياماتكا ئۇرۇش توپىمۇ جەنۇبىي دېڭىزغا كىردى، دېدى.

  ئېيتماي بولمايدۇكى، ۋاشىنگتون شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشنى تەڭلا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ «ئامېرىكا ئاسىيا بىخەتەرلىكىدىكى ئەڭ ئاساسلىق خەۋپ مەنبىيى» دېگەن ھۆكۈمىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاسىيا رايونى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىش داۋامىدا، ئامېرىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىدى، ئەمما ئۇنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش غەرىزى ۋە قىزغىنلىقى قىلچىمۇ ئاجىزلىمىدى.

  ئامېرىكا كورىيەدە سائاد باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرسا، ئەسلىدىلا خەتەرلىك ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتقان چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا يېڭى خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ۋە رايون ستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكا بۇنى «چاۋشيەننىڭ يادرو تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن»، «ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغان» دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئاتالمىش چۈشەندۈرۈشلەرگە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ياپونىيەدىكى تاراتقۇلارمۇ ئىشەنمىدى. «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىدە: سائاد رادار سىستېمىسىنىڭ بايقاش دائىرىسى مىڭ كىلومېتىردىن ئىككى مىڭ كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، بۇ رايون تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇۋېتىدۇ، دېيىلدى. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە «يەرشارى ستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە بايانات»نى ئېلان قىلىپ، سائاد سىستېمىسىنىڭ خەتىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: بۇنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ كېڭىيىش ساھەسى دۇچكەلگەن ئەمەلىي خىرىس ۋە تەھدىت بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق، ئامېرىكىنىڭ ئېيتقان مەقسىتىگىمۇ ئېنىقلا ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ جۇڭگو، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرىشى ئاساسلىق سودا يولى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بۇ دېڭىز رايونىغا بىخەتەرلىك تەھدىتى سالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش ناھايىتى ئاسان. ئەمما ئامېرىكا خىجىل بولماي پو ئېتىپ، ئۆزىنىڭ مەقسىتى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغداش، دېدى. جەنۇبىي دېڭىزدا قاتناش بىخەتەرلىكى قاچان جۇڭگونىڭ دەخلىسىگە ئۇچراپ باققان؟ ئامېرىكا ھىچقانداق مىسال كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. ئامېرىكا شەرق غەرب تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى گىرېگ ئوستىن ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاتالمىش جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىز قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى، دېگەن سۆزلەر بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ قىپقىزىل يالغانچىلىقى، بۇ-ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ھەسەل ھەرىسىنىڭ پوقىنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن بىيولوگىيەلىك قورال، دەپ خاتا تونۇۋالغاندىن بۇيان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا توغرىسىدىكى ئەڭ چوڭ خاتا تەھلىل بولۇشى مۇمكىن. ئەقىللىق كىشىلەر ئاسانلا كۆرۈۋالىدۇكى، بىپايان تىنچ ئوكياننىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە كېلىپ قورال كۈچىنى كۆز-كۆز قىلغان ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى جىددىيچىلىك پەيدا قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىشىغا پۇرسەت يارىتىش.

  كورىيەدە سائاد سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش بولسۇن، ياكى جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈش بولسۇن، ئامېرىكىنىڭ ستراتېگىيەلىك نىشانى بىردەك، يەنى تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەننى بېكىتىش، ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كونا ئويۇن ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل رايوندىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى قوغداش. كورىيە تاراتقۇلىرى بۇنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلاپ، سائاد سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش ھەققى، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەشغۇلات قىلىش ھەققىنى ئامېرىكا چىقىرىدۇ، دېدى. ئامېرىكا سەۋەبسىزلا بۇنچىلىك مەرتلىك قىلمايدۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇش ھارۋىسىغا چىڭ قېتىۋېلىش، بۇ بىر ستراتېگىيەلىك غەرەز. داڭلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت ئالىمى، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى پىتېر كاتزېنىستېننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئاسىيا سىياسىتىنى تۈزگەندە خەلقئارا سىياسىيسىدىكى ھوقۇق ۋە ئورۇنغا بولغان يېتەكچىلىك ئېڭىنى ئاساسلىق ئويلىشىدىكەن.

  ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلىي كۈچى يانتاياق بولسىلا، ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ئىش قىلسا بولىدۇ، دەپ قاراپ ئادالەتكە پىسەنت قىلمىدى. ئەمما «پەزىلەت ئىگىسى ئۇزار، جاھالەت ئىگىسى توزار» دەيدىغان سۆز بار، بۇ ھەم تارىخىي قانۇنىيەت، تارىخىي قانۇنىيەتكە خىلاب ئىشلار ئەزەلدىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ باقمىغان. خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، باشقىلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۆزىگە پاراكەندىچىلىك سالغانلىق؛ توختىماي پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۆزىگە ئېغىر پاراكەندىچىلىك سالغانلىق. ئامېرىكا بۇنىڭدىكى ھەقىقەتنى بىلمەي قالمايدۇ. ئۇنىڭ قورال كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىش خۇمارى ئۇنىڭ خورىكىنى بارغانسېرى ئۆستۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئاسىيا بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپ مەنبىيىگە تىنچلىقنى سۆيىدىغان كۈچلەر پىسەنت قىلماي يۈرمەيدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ. شۇڭا ئامېرىكا سەگەكلىشىشى ۋە رېئاللىققا قايتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر