خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئوسمانجان ئىسمائىل، گۈلبوستان مەمەت، مەرەمنىسا تىلەم خەۋىرى، فوتوسى) ئاقسۇ شەھىرى دولان كوچا باشقارمىسى يىرما مەھەللىسى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مۇسابىقىگە ئۈچ كوماندا بويىچە توققۇز ماھىر قاتنىشىپ، ئاخىرىدا نەتىجىسى ياخشى بولغان ئۈچ ماھىر مۇكاپاتلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى