باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەكلىك سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.07.11 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (باي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز، قەھرىمان روزى ئەرچىن خەۋىرى) باي ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەكلىك سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى – ئاپتونوم رايون دەرجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، باي ناھىيەسىنىڭ ياتۇر يېزىسى قاراسۇ كەنتىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كەكلىك سوقۇشتۇرۇش ئۇيۇنىنىڭ تىپىك ۋارىسى ياقۇپ ئىبراھىمنىڭ تەشكىللىشىدە، باي ناھىيەسى ياتۇر يېزىسى قارسۇ كەنتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەكلىك سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە باي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 30دىن ئارتۇق كەكلىك سوقۇشتۇرۇش ھەۋەسكارى، 100دىن ئارتۇق تاماشىبىن قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى كەكلىك سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسىدە باي ناھىيەسىدىن مۇھەممەت ئېلىنىڭ كەكلىكى چىمپىيون بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر