باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قوغداش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقاندا، جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش خادىمىدىن ئىككىسى قۇربان بولدى، بەشى يارىلاندى

خەۋپسىزلىك كېڭىشى جەنۇبىي سۇداندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2016.07.12 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىي سۇداندىكى تىنچلىق ساقلاش پىيادىلەر يېڭىدىكى بىر برونېۋىك شۇ جاي ۋاقتى 10-ئىيۇل جەنۇبىي سۇدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لاگېرىدا، مۇساپىرلار لاگېرىنى قوغداش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقاندا ئوق تىگىپ، جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش خادىمىدىن ئىككىسى ۋاپات بولدى، ئىككىسى ئېغىر يارىلاندى، ئۈچى يېنىك يارىلاندى.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جۇبادىكى توقۇنۇشنىڭ ئەۋجىگە چىقىپ جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى توغرىسىدا، جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلدى ۋە تەزىيە بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، پۇقرالار، ب د ت تۇرۇشلۇق جاي ۋە ب د ت خادىملىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى، بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى قوزغىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى چوقۇم سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون 10-ئىيۇل جەنۇبىي سۇداندا يۈز بەرگەن قاتتىق توقۇنۇشتىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە جەنۇبىي سۇدان رەھبەرلىرىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قوللىنىپ، توقۇشنىڭ يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقىشتىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. شەرقىي ئافرىقا ھۆكۈمەتلەر ئارا تەرەققىيات تەشكىلاتى، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە كېنىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ جۇبادا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر