باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق يىگىت تارتقان شىنجاڭ باش تېما قىلىنغان سۈرەت خەلقئارالىق فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

2016.07.12 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نيۇ سىيۈەن بىر شىنجاڭلىق فوتوگراف. 7-ئىيۇل، 9- نۆۋەتلىك IPPAiPhone فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى. نيۇ سىيۈەننىڭ « بوۋاي ۋە بۈركۈت» ناملىق ئەسىرى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى، شۇنداقلا «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»غا بېسىلدى.

  IPPA دېگىنىمىز (iPhonePhotographyAwards) دۇنياۋى فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى بولۇپ، iPhoneدا تارتقان سۈرەتلەرگە قارىتا تەسىس قىلىنغان، ئۇنى يانفون فوتو سۈرەت مۇسابىقىلىرى ئىچىدىكى «ئوسكار مۇكاپاتى» دېيىشكە بولىدۇ، بارلىق كىشىلەر قاتناشسا بولىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئالاھىدە ياسىتىلغان زىخچە ئالتۇنغا ياكى يېڭى نۇسخىدىكى ئالما مەھسۇلاتىغا ئېرىشەلەيدۇ

  نيۇ سىيۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن شىنجاڭدا تۇغۇلغان، بۇ يەرنى قىزغىن سۆيىمەن، شۇنداقلا فوتو سۈرەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ كېلىۋاتىمەن. شىنجاڭ بىر كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ماكانى، مەن داۋاملىق فوتو سۈرەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى دۇنياغا نامايەن قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر