خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋات ناھىيەلىك تۆتىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتىن ھەسەنجان مەمتىلى خەۋىرى، فوتوسى: 18-نۆۋەتلىك «بېيجىڭغا ئۇچۇش-ئالەمگە ئۇچۇش» ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى مودىلى مائارىپى مۇسابىقىسى يېقىندا قومۇل ۋىلايىتىنىڭ ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 33 كوماندا، 378 كىشى قاتناشتى. ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋەكىللەر كوماندىسى ئەزالىرى ئۈچ تۈردە بىرىنچى دەرىجىلىك، يەتتە تۈردە ئىككىنچى دەرىجىلىك، ئالتە تۈردە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن ئاۋات ناھىيەسىگە شەرەپ كەلتۈردى ھەم ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئوقۇتۇش بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن مائارىپ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 10 ئوقۇغۇچىنى 16 تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان بولۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، ئىلغار تەشكىللىگۈچى ئورۇن بولۇپ باھالانغان. ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ئاۋىياتسىيە مودىلى كوماندىسىنىڭ تىرېنىرى دىلشاد مۇئەللىم مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا مەكتەپتە ئاۋىياتسىيە مودىلى كوماندىسى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن ئۆگىنىشىگە بولغان قىزغىنلىقى، يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش ئىستىكى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈلدى، كوماندىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بىزمۇ ئوقۇتۇش بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشنى، قول سېلىپ ئىشلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يېتىلىشىگە كۈچىدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ تەرەپتە تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىمىز».
سۈرەتتە: مۇسابىقە ئارىلىقىدىكى ئاۋىياتسىيە مودىلى كوماندىسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى