خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى تىلغا ئېلىنسا، كۆپ ساندىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا موڭغۇلكۈرەدىكى 1000 مولۇق قىچازارلىق ۋە ئاتلار چېپىۋاتقان ھەيۋەتلىك مەنزىرە كېلىدۇ. ئەمما موڭغۇلكۈرەگە ساياھەتكە بارغاندا، ئادەمدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغىنى ئەمەلىيەتتە يەنىلا موڭغۇلكۈرەدىكى بۇلۇتلار ئارىسىدىكى يايلاق. بۇ يەردە دېڭىز يۈزىدىن 2100 مېتىر ئىگىزلىكتىكى قارلىق تاغ، چىملىق، تاغ جىلغىسىدىكى ئېقىنلار، قارىغايلىق، قوي - كالىلار توپى بىرلىشىپ، ئادەمگە چۆچەكلەر دۇنياسىغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى