باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقاردى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىش كېرەك

2016.07.11 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلى>نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ تەشۋىق قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلار، تارماقلاردىن پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلى» دېگەن كىتابنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنى پارتىيە تارىخى ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى مابەينىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى تۈزگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلى» دېگەن كىتاب نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ كىتابتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1921-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 2012-يىلى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغىچە بولغان 90 نەچچە يىللىق تارىخى خاتىرىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 نەچچە يىلدىن بۇيانقى جاپالىق مۇساپىسى، شانلىق ئەنئەنىسى، قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى توغرا، جانلىق بايان قىلىنغان، ھازىرغىچە دۆلەت ئىچىدە ئاشكارا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق ئەسەرلەر ئىچىدىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پارتىيە تارىخى ئەڭ كۆپ، ئارتىلىش ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن، مەزمۇنى ئەڭ سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان پارتىيە تارىخى ئومۇمىي تارىخى ئاساسىي ئەسىرى بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشىدىكى ئەڭ يېڭى، نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر