باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2016-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر مۇنبىرى» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.07.11 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2016-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر مۇنبىرى» ۋە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت بىخەتەرلىك تەتقىقات يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى9-ئىيۇلدىن 10-ئىيۇلغىچە بېيجڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت بىخەتەرلىك تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلدى.

  يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى چېن يۆ پىروفېسسور رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ ۋېي، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ جېنمىن ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

  جۇڭگو، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيە، رۇسىيە، قازاقىستان، سىنگاپور، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 60 نەچچە ئالىم يىغىنغا قاتناشتى، « ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بىخەتەرلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە يېڭى خىرىس»، «چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بىخەتەرلىكى»، « جۇڭگونىڭ ’ بىر بەلباغ، بىر يول‘ تەشەببۇسى ۋە خىرىسى»، «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ئاساسىي قارالمىسى» ۋە «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى» قاتارلىق بۇ بەش تېما بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر