باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرىدۇ

2016.07.11 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «گوۋۇيۈەننىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار ۋە جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، باشلىنىپ بولغان ئۆيىدە قالغان بالىلارنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئادەملەر بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئومۇمىي سان ۋە ئەھۋالنى ئېنىقلايدۇ. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لى لىگو 8-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك «گوۋۇيۈەننىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋىدېيولۇق يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پىكىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە كاپالەت ئوبيېكتى ۋە دائىرىسىنى، ئومۇمىي سانى ۋە ئەھۋالىنى ئېنىقلاش. بىرلىككە كەلگەن، يېزىلاردا قالغان بالىلار ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارغا يۈزلەنگەن خىزمەت مىخانىزمى ۋە ئۇچۇر سەھنىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن تەڭ بەھرىمان بولۇش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى يېتىملار كاپالىتى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش، بېقىش، داۋالاش سۇغۇرتىسى، داۋالاش قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئالاقىدار كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ، دەل جايىدا يۆلەش، ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر