باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئالدىنقى يېرىم يىلدا توشۇغان يولۇچى 230 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يەتتى

2016.07.11 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مۇخبىرنىڭ دۆلەت خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى پۈتۈن ساھەنىڭ تاماملىغان تىرانسپورت ئومۇمىي ئوبوروت مىقدارى 455 مىليارد 900 مىليون توننا كىلومېتىر، يولۇچى توشۇش مىقدارى 230 مىليون ئادەم ( قېتىم )، يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 313 مىليون 30 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم % 12.5، % 10.8، % 4 ئاشقان.

  جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فېڭ جېڭلىن مۇنداق دېدى : بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئىزچىل ياخشى بولۇپ، تېز ئېشىشنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسىپلەر قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلدى. خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى داۋاملىق تېز ئاشتى. ئىچكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېڭىدىن 60 خەلقئارا لىنىيە ئېچىپ، خەلقئارا تىرانسپورت ئومۇمىي ئوبوروت مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪ 18.7 ئاشۇرۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن تەخمىنەن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولدى. ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدا، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تېز تەرەققىي قىلدى، 24 ئاۋىياتسىيە شىركىتى يېڭىدىن 151 ھاۋا يولى ئاچقان بولۇپ، ئاساسلىقى ئوتتۇرا غەربىي قىسىم رايونىغا مەركەزلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر