باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلكۈن سۈيىدە ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق ناخشىسى

2016.07.13 17:38   مەنبە: خەلق تورى

كەلكۈن سۈيىدە ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق ناخشىسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئۇبۇل خەۋىرى، فوتوسى) 8-ئىيۇل، ئاقسۇ شەھىرىدىن ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسىغا ساياھەتكە چىققان ئالتە خەنزۇ ساياھەتچى دەريادىن ئۆتۈپ، دەريا ئېقىنىنىڭ قارىشى تەرىپىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ دەرياغا كەلكۈن كېلىپ، ئۇلار كەلكۈن ئىچىدە قاپسىلىپ قالىدۇ. يەر شارائىتى ناتونۇش بولغان، تۆت ئەتراپتىن ئادەم قارىسى كۆرۈنمەيدىغان كەڭرى كەتكەن دەريا ئېقىنى ئىچىدە ئۇلار قاياققا مېڭىشنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالىدۇ ھەم قورققىنىدىن توختىماستىن «قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ ۋارقىراشقا باشلايدۇ.

  بۇ چاغدا، كەلكۈن خەۋپى بىر قەدەر چوڭ بولغان بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى تىكەنقورۇق كەنتى 3-مەھەللىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ كەنتكە قايتقان تىكەنقورۇق كەنت كومىتېتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرلىرى قايتىش يولىدا كەلكۈن ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان بۇ ئالتە خەنزۇ ساياھەتچىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. ئۇلار ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي دەرھال دەريا ئېقىنى ئىچىگە چۈشۈپ، كەلكۈن ئىچىدىن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇردى باۋدۇن مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ چاغدا خېيىم-خەتەر دېگەنلەرنى ئويلىمىدۇق، پۈتكۈل ئەس-يادىمىز خەتەر ئىچىدە قالغانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشتىلا قالغان ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى يەر شارائىتىغا پىششىق بولغانلىقىمىز، كەلكۈن ئەمدىلا كېلىپ تېخى بەك ئۇلغىيىپ كەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزۇۋالدۇق. سەللا كېچىككەن بولساق ئەھۋال چاتاق بولاتتىكەن. قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغانلارغا ياردەم بېرىش ھەممىمىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى. ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالىغىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن».

  تامچە سۇدىنمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كەلكۈن ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان ئەنە شۇ ھايات-ماماتلىق پەيتىدە قىرغىز، ئۇيغۇر، خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ بىر-بىرىگە مەھكەم گىرەلەشكەن مېھىر-مۇھەببەتلىك قوللىرىدىن مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  سۈرەتتە: كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەرنى قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈشلەر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·كامبودژالىق 70 ئوقۇغۇچى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمدە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…
    ·شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە بۇ يىل 10 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىز…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدا تاق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 5121 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى مەكتەپلەردىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا ت…
    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈ…
    ·بىر قىسىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ
    ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 33 نەپەر ئوقۇغۇچى توردا ئېلان قىلىندى