باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى−−

جۇڭگو ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ

2016.07.13 17:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن 12-ئىيۇل مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: فىلىپپىن نەنخەي دېڭىزى كېسىم دېلوسى نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشتا قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، رايونلارنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ھەر قانداق تەھدىت، خىرىسقا تاقابىل تۇرىدۇ.

  مۇخبىر مۇنداق سورىدى: جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى يېقىندا نەنخەي دېڭىزىدا چوڭ كۆلەملىك مانىۋېر ئۆتكۈزدى، كىشىلەر بىردەك بۇ قېتىملىق مانىۋېرنى فىلىپپىن نەنخەي دېڭىزى كېسىم دېلوسىنىڭ نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىقى بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟

  ياڭ يۈجۈن مۇنداق تەكىتلىدى: فىلىپپىن نەنخەي دېڭىزى كېسىم دېلوسىغا قارىتا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى ئېنىق، ئۆزگەرمەيدۇ. كېسىم نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن ھوقۇق-مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. جۇڭگو ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشتا قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، رايونلارنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ھەر قانداق تەھدىت، خىرىسقا تاقابىل تۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر