- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يىجيا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى جۇڭگو بازىرىدىكى مەسىلىسى بار تارتمىلىق ئىشكاپنى يىغىۋالدى
2016.07.13 17:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12-ئىيۇل دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى كېلىشىپ سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، يىجيا مەبلەغ سېلىش (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتى مەسىلە كۆرۈلگەن مەھسۇلاتنى يىغىۋېلىش پىلانىنى تاپشۇرغان، 12-ئىيۇلدىن باشلاپ جۇڭگو بازىرىدىكى 1999-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە سېتىلغان مارمۇ قاتارلىق ماركىدىكى تارتمىلىق ئىشكابنى يىغىۋېلىشنى قارار قىلغان. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىدا تەسىرگە ئۇچرىغان مەھسۇلات (ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جەمئىي 268 يۈرۈش بولۇپ، سانى 1 مىليون 660 مىڭدىن ئاشىدۇ.
بۇ قېتىمقى يىغىۋېلىش دائىرىسىدىكى تارتمىلىق ئىشكاپنى ئەگەر تامغا مۇۋاپىق بېكىتمىسە، ئىشكاپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بالىلارنىڭ قازا قىلىشى ياكى يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە : خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر