باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن، فىزىكىلىق تەدبىر قوللىنىپ ساد سىستېمىسىغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.07.12 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى باش ئىشتابى-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن كورېيە، كورېيەگە ساد سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بېكىتكەن ھامان، چاۋشيەن تەرەپ فىزىكىلىق تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇرىدۇ. بۇ ئامېرىكا بىلەن كورېيە ساد سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغاندىن كىيىن، چاۋشيەن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇنىڭغا تۇنجى قېتىم ئىنكاس قايتۇرۇشى.

  خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا بىلەن كورېيە چاۋشيەن بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، ساد سىستېمىسىنى ئارىلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى، ئامېرىكا بىلەن كورېيەنىڭ ئاسىيا نۇسخىسىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئورنىتىپ شەرقىي شىمالى ئاسىيا رايونىدىكى چوڭ دۆلەتلەرنى چەكلەپ، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى زومىگەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشىدىن ئىبارەت.

  كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئارمىيە تەرەپ 8-ئىيۇل سېئۇلدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىدا ئېگىزلىك رايونىدا مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بولغان ساد سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر