باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېلارۇسىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ رەئىسى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى

2016.07.12 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېلارۇسىيە خەلق پارلامېنتى جۇمھۇرىيەت پالاتاسىنىڭ رەئىسى مىيانىسكوۋىچ يېقىندا مۇنداق دېدى: بېلارۇسىيە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ رايون ئىشلىرىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، ھەمدە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تالاش تارتىشلارنى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئۇ يېقىندا مۇنداق دېدى: بېلارۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر مەسئۇلىيەتچان ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىسىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى بىلەن خەلقئارا ئادىللىقنى قوغدايدۇ، ھەمدە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرگە يۈكسەك دىققەت قىلماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: بېلارۇسىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، تالاش تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش، ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ھەر قانداق بىر ئالاقىدار دۆلەتكە بېسىم ئىشلەتمەسلىك، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ چەتئەل كۈچلىرىنى رايون تالاش تارتىشىشىغا ئىلىپ كىرمەسلىكنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر