باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي سۇدان ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇرۇھلار توقۇنۇشىدا ئاز دېگەندە 271 كىشى قازا قىلدى

2016.07.12 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي سۇدان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 10- ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە: جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جۇبادا 8- ئىيۇل يۈز بەرگەن ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇرۇھلار توقۇنۇشىدا ئاز دېگەندە 271 كىشى قازا قىلغان، ئۇندىن باشقا ئەسكەر ۋە پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 66 كىشى يەنىلا دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ سان دەسلەپكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسى بولۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنىلا داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن.

  جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى گىل رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ماشارنىڭ قىسمى 8-ئىيۇل زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا كەسكىن توقۇنۇشقان، گىل بىلەن ماشار ۋەقەدىن كىيىن تاراتقۇلارغا، توقۇنۇش پارتلىغاندا، ئۆزلىرىنىڭ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە يىغىن ئىچىۋاتقانلىقىنى، بۇ ۋەقەنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇلار ئۆز قىسىملىرىنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، توقۇنۇشنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

  10-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئىككى تەرەپ قىسمى جۇبادا يەنە بىر قېتىم كەسكىن توقۇنۇشقان. ھازىر ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى ئېنىق ئەمەس ئىكەن، ئىككى تەرەپ توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىدە ئۆزلىرىنىڭ گېپىنى قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر