باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىدە مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ دېلودىن 4531 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2016.07.13 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى لى يۈەنشېڭ ئاليۇمىن بۇيۇملار چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىغا 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى فاڭشەن رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى تەرىپىدىن پېچەتلىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، بۇ ئورۇن جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلدى. 12-ئىيۇل، بېيجىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش سىستېمىسى مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن 4531 گە دېلو تۇرغۇزۇپ جازالاپ، 46 مىليون 565 مىڭ 500 يۈەن جەرىمانە قويۇپ، مۇھىت بۇلغاش جىنايىتى بار گۇمان قىلىنغان بىر قىسىم ئورۇنلارنى ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كەسپىي زاتلارنىڭ قارىشىچە، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات تەننەرخىنىڭ تۆۋەن بولۇشى كارخانىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ بۇلغىما چىقىرىش قىلمىشلىرىنىڭ قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەسلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ئارقىلىقلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ بۇلغىما چىقىرىش قىلمىشلىرىنى كۈچلۈك چۆچۈتكىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر