باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما يادرو قوراللىرىنى ئالدى بىلەن ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىماقچىمۇ؟

2016.07.13 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى 11-ئىيۇل زوڭتوڭ ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ يادرو ئىستراتىگىيەسىگە قارىتا ئابىدە خاراكتېرلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، يادرو قوراللىرىنى «ئالدى بىلەن ئىشلەتمەسلىك»نى جاكارلاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ دېپلوماتىيە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى جوش روگىن بىر پارچە ماقالىسىدە، ئوباما قالغان ئالتە ئايلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئامېرىكىنىڭ يادرو سىياسىتىگە قارىتا زور تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، زوڭتوڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرى يېقىنقى نەچچە ھەپتىدە ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك سىياسەت تاللانمىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، دەپ يازدى.

  ئەھۋالدىن خەۋەردار نۇرغۇن ئەمەلدارنىڭ روگىنغا ئېيتىشىچە، يادرو قورالىنى «ئالدى بىلەن ئىشلەتمەسلىك» سىياسىتىدىن باشقا، ئوباما ھۆكۈمىتى يەنە ئامېرىكىنىڭ يادرو قورال ئامبىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشتىكى مالىيە خامچوتىنى ئازايتىش؛ روسىيەگە يېڭى نۇسخىدىكى ھۇجۇم قىلغۇچى ئىستراتىگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش ۋە چەكلەش شەرتنامىسى (New START)نىڭ 2021-يىلىدىكى ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى يەنە بەش يىل ئۇزارتىش تەكلىپى بېرىش؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى پارلامېنت «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»( CTBT)نى تەستىقلىمىغان ئەھۋالدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر تۈرلۈك يادرو سىنىقىنى چەكلەش قارارىنى ماقۇللىشىنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى ئويلاشقان.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ تەڭشەشلەر شۈبھىسىز ھالدا ئامېرىكىنىڭ يادرو ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ يادرو قوغدىشى ئاستىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى قوزغايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر