باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: نەنخەي دېڭىزىدىكى ئاراللار قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ زېمىنى

2016.07.13 17:12   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: نەنخەي دېڭىزىدىكى ئاراللار قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ زېمىنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئىيۇل «دىياۋيۈتەي» دۆلەت مېھمانخانىسىدا، 18-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەققىدىكى ئورتاق تونۇشى ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ مۇھىم خەلقئارا ئىشلاردا ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشنى ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتتى. جۇڭگو-ياۋروپا ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىشتەك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نەنخەي دېڭىزىدىكى ئاراللار قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ زېمىنى. جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىدىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتى، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاتالمىش فىلىپپىن نەنخەي دېڭىزى كېسىم دېلوسى كېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. جۇڭگو بۇ كېسىم ھۆكۈمى ئاساسىدىكى ھەر قانداق تەشەببۇس ۋە ھەرىكەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئادىللىق بىلەن ھەققانىيلىقنى قوغداپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو نەنخەي دېڭىزنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداشتا، بىۋاسىتە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرگە تارىخىي پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، خەلقئارا قانۇن بويىچە، ئالاقىدار تالاش-تارتىشنى سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·كامبودژالىق 70 ئوقۇغۇچى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمدە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…
    ·شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە بۇ يىل 10 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىز…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدا تاق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 5121 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى مەكتەپلەردىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا ت…
    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈ…
    ·بىر قىسىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ
    ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 33 نەپەر ئوقۇغۇچى توردا ئېلان قىلىندى