باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىكى سىناق تەجرىبە سىنىپى ئېچىلىدۇ

2016.07.13 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن قوبۇل قىلىنىپ، جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەتچىلىكى سىناق تەجرىبە سىنىپى ئېچىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىككە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىشتۈرۈلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى يىن يۈلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىكى سىناق تەجرىبە سىنىپى «ئۆرۈكزارلىق تەجرىبە سىنىپى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يىل شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ، بىر جۇڭگو تېبابىتى «ئۆرۈكزارلىق تەجرىبە سىنىپى» , شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ بىر ئۇيغۇر تېبابىتى «ئۆرۈكزارلىق تەجرىبە سىنىپى» ئاچىدۇ. ئىككى سىنىپقا ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ھەر بىر سىنىپقا 40 كىشى قوبۇل قىلىنىدۇ.

  تەجرىبە سىنىپقا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى ئۈچ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى قوبۇل قىلىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان ئوخشاش شەرت ئاستىدا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار ئىنستىتۇتىغا ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، يەنە بەش يىللىق جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت تولۇق كۇرس كەسپىي بويىچە تەربىيەلىنىدۇ. تولۇق كۇرس باسقۇچىدىكى ئۆگىنىشتىن كېيىن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا بولسا، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىپ تەربىيەلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر