باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى مۇھىم ئۇقتۇرۇش چىقاردى

بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىكى قالايمىقانچىلىقلار تۈزىتىلىدۇ

2016.07.14 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى «مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ توردا ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش» دەپ قىسقارتىلىدۇ)نى تارقىتىپ، تور مەدەنىيەت تىجارىتى ئورۇنلىرىنىڭ توردا ئويۇن قويۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇردى. «ئۇقتۇرۇش»تا تۇنجى قېتىم ئويۇن قويغۇچىنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇل بولغۇچى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىن توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە قارىتا ئىختىيارىي تاللاپ تەكشۈرۈش يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەم «قارا تىزىملىك» تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئويۇن قويغۇچىلارنىڭ ئويۇن قويۇشىنىڭ مەملىكەت بويىچە چەكلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم توردا ئويۇن قويۇشقا قارىتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئەمەس بولۇپ، 2011-يىلىدىلا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى «ئېنتىرنېت تورىدىكى مەدەنىيەت باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، تور مەدەنىيىتىدىكى چەكلىنىدىغان مەزمۇنلارغا قارىتا بەلگىلىمە چىقارغان ئىدى. بۇ يىل 4-ئايدا، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئېنتىرنېت تور مەدەنىيىتى پائالىيىتىدىكى 25-تۈركۈم قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تەركىبىدە شەھۋانىي، زوراۋانلىق، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇترىتىدىغان، جەمئىيەت ئەخلاقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بار مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەشكە چېتىشلىق 19 تورنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر