- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2-پەسىلدە، ئېكسپورت ئېشىپ، ئىمپورتنىڭ چۈشۈش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تاشقى سودىدا مۇقىملىشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى
2016.07.14 15:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنا ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 11 ترىللىئون 130 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىن %3.3 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى6 ترىللىئون 400 مىليارد يۈەن بولۇپ، %2.1 تۆۋەنلىدى؛ ئىمپورت قىممىتى 4 ترىللىئون 730 مىليارد يۈەن بولۇپ، %4.7 تۆۋەنلىدى؛ سودا ئوڭ پەرقى 1 ترىللىئون 670 مىليارد يۈەن بولۇپ، %5.9 كېڭەيدى. 6-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 ترىللىئون 40 مىليارد يۈەن بولۇپ، %0.3 تۆۋەنلىدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى 1 ترىللىئون 170 مىليارد يۈەن بولۇپ، %1.3 ئاشتى؛ ئىمپورت قىممىتى 863 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، %2.3 تۆۋەنلىدى.
تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خۇاڭ سۇڭپىڭ 13-ئىيۇل گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت، ئېكسپورت ۋە ئىمپورت قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەنىلا چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ پەسىلدىن قارىغاندا سەل مۇقىملاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 1-پەسىلدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى %6.9، ئېكسپورت قىممىتى %5.7، ئىمپورت قىممىتى %8.4 تۆۋەنلىدى. 2-پەسىلدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى %0.1، ئېكسپورت قىممىتى %1.2 ئېشىپ، ساپ ئېشىش كۆرۈلدى؛ ئىمپورت قىممىتى %1.2 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش دەرىجىسى 1-پەسىلدىكىدىن 7.2 پىرسەنت پوئىنت چۈشتى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تاشقى سودىدا مۇقىملىشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر