خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 13-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۇلانباتورغا بېرىپ موڭغۇلىيەدىكى زىيارىتىنى باشلىدى ۋە ئۇلانباتوردا ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.
موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پۈرۈسۇرۇڭ قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىرىپ كۈتۈۋالدى. ئۈستىگە ئەنئەنىۋى موڭغۇل كىيىمى كىيگەن ياش ئايال زۇڭلى لى كېچياڭغا خادا ۋە ئىرىمچىك تەقدىم قىلدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ھۆرمەت سالىمى بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى شىڭ خەيمىڭمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى قويۇق، ھەمكارلىق ئاساسى مۇستەھكەم. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق موڭغۇلىيە رەھبەرلىرى بىلەن يېڭى دەۋردىكى دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، تەرەققىيات چوڭ پىلانى توغرىسىدا ئورتاق مەسلىھەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيەنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى