باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى يېڭىدىن ياسىغان ئايرودروملىرىدا سىناق ئۇچۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2016.07.14 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئىيۇل سائەت 8دىن 30 مىنۇت، 8دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى، خەينەن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىلكىگە ئېلىپ ئىشلەتكەن ئىككى خەلق ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خەيكۇدىكى مېيلەن خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ، ئىككى سائەتكە يېقىن ئۇچۇش ئارقىلىق، ئايرىم-ئايرىم سائەت 10دىن 29 مىنۇت ۋە 10دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە مېيجى خادا تاشلىقىدا يېڭى ياسالغان ئايرودروم ۋە شېنبى خادا تاشلىقىدا يېڭى ياسالغان ئايرودرومغا سىلىق قوندى ھەم شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن خەيكۇغا قايتىپ كەلدى، سىناق ئۇچۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

  ئالدىنقى كۈنى، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ سىناق ئايروپىلانى مېيجى، شېنبى خادا تاشلىقىدا يېڭى ياسالغان ئايرودروملارغا قارىتا سىناق ئۇچتى، يېڭى ياسالغان ئايرودروملارنىڭ ھەر تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانلىرىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياساپ پۈتتۈرۈلگەن يوڭشۇ خادا تاشلىقى ئايرودرومى كۆپ قېتىملىق دېڭىز ئۈستىدە جىددىي قۇتقۇزۇش پائالىيىتىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر