باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھەممىسى كۆچۈرۈلۈپ، ناھىيە بازىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2016.07.14 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇل كەچ سائەت 11 يېرىمدا، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم كۆكيار يېزىسى 6- كەنتىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ناھىيە بازىرىغا بىخەتەر يۆتكىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىكى پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ۋە تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تولۇق تاماملاندى.

  6-ئىيۇل سەھەردە، قارا يامغۇرلۇق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە، تاغلىق رايونغا جايلاشقان شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەسى كۆكيار يېزىسى 6 - كەنتىدە تۇيۇقسىز پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ۋە تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش ئاپىتى يۈز بېرىپ، بۇ كەنتنىڭ خەۋەرلىشىشى ئۈزۈلۈپ قالدى، يول ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە غايەت زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇردى.قاغىلىق ناھىيەسى تېزدىن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، ئاپتوموبىلدا يۆتكەش، ئادەم يۈدۈش، ئېشەكتە توشۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جۇۋا، يۇڭ ئەدىيال، مىنېرال سۇ، نان قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى 6 - كەنتكە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنداقلا شىنجاڭ قاتناش، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىق كۆپ قوشۇننىڭ ئاپەت رايونىغا تۇتۇشىدىغان يولنى كېچە - كۈندۈز جىددىي رېمونت قىلىشى نەتىجىسىدە، 10 - ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن پۈتۈن سەپ بويىچە يول ئېچىلدى.

  مۇخبىرنىڭ قاغىلىق ناھىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا كۆرۈشىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشتىن بۇرۇن، شۇ جايدىكى بىر تۇتاش سەپلەش پىرىنسىپى بويىچە، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان 128 يۈرۈش ئۆي ئاللىبۇرۇن پاكىز تازىلانغان، شۇنداقلا سۇ، توك، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە قازان - قۇمۇچ، يوتقان - كۆرپە، ئۇن-گۈرۈچ، كۆكتات، ماي قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى سەپلەنگەن.

  نۆۋەتتە، كۆكيار يېزىسىدا پەقەت يەتتە ئائىلە، 26 ئادەم كەنت ئىچىدىكى مال - مۈلۈك، چارۋا - مالدىن خەۋەر ئېلىشقا قالدۇرۇلغان. كەنتتە بىر سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى بار بولۇپ، ھەر ۋاقىت سىرت بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر