باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سەرتاج تاجىك قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بۇيلۇق تاجىك مىللىي يېزىسىدا ئىش باشلىدى

2016.07.14 15:50   مەنبە: خەلق تورى

سەرتاج تاجىك قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بۇيلۇق تاجىك مىللىي يېزىسىدا ئىش باشلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پوسكام ناھىيەسى بۇيلۇق تاجىك مىللىي يېزىلىق رادىيو-تېلېۋىزىيە پونكىتىدىن ئابلىمىت يولۋاس خەۋىرى) شىنجاڭ سەرتاج تاجىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ پوسكام تارماق شىركىتى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى پوسكام ناھىيەسىنىڭ بۇيلۇق تاجىك مىللىي يېزىسىدا قۇرۇلۇپ ئىشقا كېرىشتۈرۈلۈپ، تىجارەت باشلىدى.

  تاشقورغا تاجىك ئاپتونۇم ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ سەرتاج تاجىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدېرى گۈلجامال خانىم (تاجىك) بۇ شىركەتكە دەسلەپكى قەدەمدە 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تاجىك مىللىتىنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي جابدۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قولدا تىكىلگەن بويۇملاردىن ئەرەنچە تۇماق، شەيدايى (ئايالچە دوپپا) شارپا، گالىستۇك، تويلۇق كىيىم، ياستۇق، بەلباغ، ئارتىسلارنىڭ سەھنە كىيىمى قاتارلىق 250 تۈرلۈك بويۇمنى كەلتۈرۈپ تىجارەت باشلىغان بولۇپ، بۇ شىركەتكە سېلىنغان ماللار بۇ يېزىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  بۇ شىركەتكە يەنە رىشىلىيە ئىشلەيدىغان 20 يۈرۈش زامانىۋى تىككۈچىلىك ماشىنىسى كەلتۈرگەن بولۇپ، تىجارەت باشلىغان كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونۇم ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ سەرتاج تاجىك قول ھۈنەررۋەنچىلىك كەسپىي شىركىتىنىڭ باش لىدېرى گۈلجامال خانىم بۇيلۇق تاجىك مىللىي يېزىسىدىكى تاجىك، ئۇيغۇر قىزلىرىدىن 60 قىزنى شىركەتكە تەكلىپ قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە تاجىك، ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك مەدنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك رىشىلىيە ئىشلەش ۋە ھەرخىل كىيىملەرنى تىكىش بىلىملىرى، ئازسانلىق مىلللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەم بازارغا يۈزلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەپ، كۇرسانتلارنى مۇئەييەن چۈشەنچكە ئىگە قىلدى.

  ئىگىلىنىشچە، شىنجاڭ سەرتاج تاجىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش شىركىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونۇم ناھىيەسىدە بولۇپ، تارماق شىركەتلىرى ئۈرۈمچى شەھرى، بېيجىڭ شەھرى،شاڭخەي شەھرى ۋە پوسكام ناھىيەسىنىڭ بۇيلۇق تاجىك مىللىي يېزىسىدا قۇرۇلغان. 2020-يىلغىچە شىنجاڭ سەرتاج تاجىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ تارماق شىركەتلىرى يەنە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاسىت ۋە ناھىيەلەرگىچە كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ، جەمىئىيەتتىكى ئىشسىز خانىم-قىزلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇشتۇرىدىكەن.

  سۈرەتتە: شىنجاڭ سەرتاج تاجىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدېرى گۈلجامال خانىم (ئوڭدىن 2-كىشى) كۇرسانتلارغا كەشتە تىكىش بىلىملىرىدىن سۆزلەپ بەرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·كامبودژالىق 70 ئوقۇغۇچى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمدە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…
    ·شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە بۇ يىل 10 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىز…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدا تاق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 5121 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى مەكتەپلەردىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا ت…
    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈ…
    ·بىر قىسىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ
    ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 33 نەپەر ئوقۇغۇچى توردا ئېلان قىلىندى