- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى جۇڭۋېي شەھىرىدىكى بىر بىيو ئېچىتىش سېخىدا ۋەقە يۈز بېرىپ، تۆت ئادەم قازا قىلدى
2016.07.14 16:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا، 11-ئىيۇل سائەت 16دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى جۇڭۋېي شەھىرى نىڭشيا جېڭۋاڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىيو ئېچىتىش سېخىدا، بىر ئىشچى يەم-خەشەك ئېچىتقۇ باكىنى تازىلاۋاتقاندا، باك ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن، نەق مەيداندىكى ئۈچ ئىشچى باك ئىچىگە كىرىپ قۇتقۇزماقچى بولغاندا، ئارقا - ئارقىدىن ھوشىدىن كەتكەن، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، تۆت كىشى قازا قىلغان. ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر