خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋاھىت ئېزىز خەۋىرى) قاراقاش ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى ئاقساراي يېزىسىغا كېلىپ، بازار كۈنىدىن پايدىلىنىپ ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان ئورۇنغا خوتەننىڭ ئۈچ چوڭ تارىخىغا ئائىت تەييارلانغان 50دانە تەشۋىقات دوسكىسى ئورنىتىپ، 500 پارچىغا يېقىن تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا خوتەندىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، مەدەنىيەت تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى ۋە مىللەتلەرنىڭ ياشاش ئەھۋالى، تىل-يېزىق ئەھۋالى، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ تارىخقا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
سۈرەتتە: چۈشەندۈرگۈچى ئاممىغا خوتەننىڭ تارىخىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى