خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئۇبۇل خەۋىرى، فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن ئونسۇ ناھىيەسى قىزىل بازىرى قاراسا كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى كۆپ ساندىكى ئائىلىلەردە ئەمگەك كۈچى كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز بولۇشتەك ئەھۋاللارنىڭ بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا ئەۋەتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم يوللىرىنى كۆپەيتىش، نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتىلىرىنى مۇقىم ئىش ئورنىغا ئىگە قىلىپ ئۇلارنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاخىرىدا ئاقسۇ شەھەرلىك جىندۈن ئامانلىق شىركىتىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا ئەۋەتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى قىلىپ تاللىدى.
بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان كەنتتىكى ياشلار بەس-بەستە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تىزىملاتتى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ خىزمەت ھۆددىسىدىن ياخشى چىقالىشى، ئىش ئورنىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارزۇسىدىكى ياشلارغا بولغان «قوش تىل» تەربىيەلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس تەربىيەلەش ئېلىپ باردى ھەم تەربىيەلەنگەن توققۇز ياشنى تۇنجى تۈركۈمدە جىندۈن ئامانلىق شىركىتىگە ئىشلەشكە ئەۋەتتى.
سۈرەتتە: كەنت كومىتېتى ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرلىرى تۇنجى تۈركۈمدە ئىش ئورنىغا ماڭغان ياشلارنى ئۇزىتىپ قويماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى