باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن كۆرۈشتى

2016.07.15 14:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئىيۇل دياۋيۈتەيدە جۇڭگوغا 18 – قېتىملىق جۇڭگو – ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ئورتاق تونۇشى ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ چوڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنى ياخشىلاش، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەم ئۇنى يولغا قويدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ئۆز ئارا ئىستراتېگىيەلىك ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى، مۇھىمى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىنى، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا بولغان ئورتاق تەلىپىنى ئىگىلەپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا مېڭىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قوللاش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى كۆرۈشنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن تىرىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كەڭ نەزەر بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى، ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يۈكسىلىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى ئىجابىي ئۇسۇلدا تىزگىنلىشى ۋە ئازايتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ خىل رامكا ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى زۆرۈر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش كېلىشىمنامىسى››نىڭ 15 – ماددىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى قەرەلىدە ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نەنخەي دېڭىزىدىكى ھەرقايسى ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى. جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىدىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز – ئوكيان ھوقۇق – مەنپەئىتى ھەرقانداق ئەھۋالدا فىلىپپىننىڭ ئاتالمىش نەنخەي دېڭىزى توغرىسىدىكى كېسىم دېلوسىدا چىقارغان كېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. جۇڭگو يۇقىرىقى كېسىم دېلوسىنىڭ كېسىمىنى ئاساس قىلغان ھەرقانداق تەشەببۇس ۋە ھەرىكەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا قانۇن ئىدارە قىلىش شۇنداقلا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىزچىل قوغداپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ. جۇڭگو نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، بىۋاسىتە ئالاقىدار دۆلەت بىلەن تارىخىي پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئالاقىدار تالاش – تارتىشنى سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ.

  تۇسك بىلەن جۇنكېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا تايىنىشى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتىدۇ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى تولىمۇ زۆرۈر. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن داۋاملىق كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىشىشنى، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، مۇھىت، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئېشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسى دائىرىسىدە زىممىسىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تىرىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاكتىپ نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر