باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇگانداغا بېرىپ جۇڭگو تىنچىلىق ساقلاش قىسمىدىكى يارىدارلارنى يوقلىدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىقى تىنچلىقنى ساقلاش ئىشخانىسى ھۇجۇمدا يارىلانغان ۋە ۋاپات بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى

2016.07.15 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى 18 سائەت ئۇچۇپ شۇ جاي ۋاقتى 14-ئىيۇل ئەتىگەن ئۇگاندانىڭ ئېنتېببېغا بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي سۇنداندىكى تىنچلىق ساقلاش پىيادىلەر يېڭىدىكى يارىدارلارنى يوقلاپ ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  جۇڭگونىڭ جەنۇبىي سۇداندىكى تىنچلىق ساقلاش پىيادىلەر يېڭىدىكى بىر برونېۋىكقا 10-ئىيۇل ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا ئوق تىگىپ پارتلاپ، تىنچىلىق ساقلاش خادىملىرىدىن ئىككىسى ۋاپات بولدى، ئىككىسى ئېغىر يارىلاندى، ئۈچى يېنىك يارىلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېنىك يارىلانغانلاردىن بىرەيلەن داۋالانغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، قالغان تۆت يارىدار ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ داۋالاش شارائىتى ياخشى دوختۇرخانىغا يۆتكەلدى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسى ئېنتېببېغا بارغاندىن كېيىن 2-تۈركۈمدىكى ئېغىر يارىلانغان بىر خادىمنى كۈتۈۋالدى ۋە ب د ت نىڭ 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىسىغا بېرىپ يارىدارلاردىن ھال سوراپ، نەق مەيداندا داۋالاپ قۇتقۇزۇش ۋە يارىدارلارنى ئالدىنقى سەپتىن چېكىندۈرۈش لايىھەسىنى تەتقىق قىلدى.

  ھازىر، جەنۇبىي سۇدان جۇبا رايونىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇپ، جۇڭگو جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى ۋە بىرلەشمە جەنۇبىي سۇدان ئۆمىكى بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بالدۇرراق جۇبا تىنچلىق ساقلاش لاگېرىغا بېرىشىنى پائال ماسلاشتۇرىۋاتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر