خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ئىيۇل، قوراللىق ساقچى قاتناش 2 - تارماق ئەترىتى پارتلىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرى قورام تاش ئارىسىغا پارتلىتىش دورىسى قاچىلىماقتا. شۇ كۈنى، ئۇدا ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، سىچۈەن - شىزاڭ تاشيولىنىڭ شىزاڭ ماڭكاڭ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئۈچ جايدا كەڭ كۆلەمدە تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يول ئۈزۈلۈپ قالغان، 120 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ۋە 280دىن ئارتۇق شوپۇر- يولۇچى شۇ يەردە قاپسىلىپ قالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى